Taqqu-tuqqu(Uyghurche
تاققۇ-تۇققۇ
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
1.كۇبلىت :
كەل كىچىك ئوماق دوسىتلۇرۇم سەلەر بىلەن بىللە ئويناي
'ياق ياق'دىمەڭلار ،(دىمەيمىز،دىمەيمىز)
ماڭا قەيىن تىپىشماقلارنى قويۇپ ە جاۋابىنى
'تاپ تاپ'دىمەڭلار، (دىمەيمىز،دىمەيمىز)
ئوئۇنايلى مۇكۇ-مۇكىلەڭ vە ياكى ياغلىق تاشلاپ
ئاق تىرەك كوك تىرەك ياكى تاققۇ-تۇققۇلاپ
كەل ئوينايلى بىز سورۇننى راسلاپ
1.ئوتۇشمە (برىدگە 1) :
بەكمۇ ئامراق بالىلار ساڭا
يۇلتۇزدەك سانسىز سۇئالىڭغا
شوخ-شوخ كەپسىز قىلىقىڭغا
تولىمۇ ئوماق تۇرىقىڭغا
ئويىنىمىزنى باشلامدۇق
مەرھەمەت!
قايتارما (چورۇس) :
تاققۇ-تۇققۇ زەنجىر-مارجان چىچىلدى چىچىلدى
تىرىپ بولالماي بۇگۇن يەنە كەچ بولدى كەچ بولدى
قوپۇڭ ئانا كەتەيلى
قوپۇڭ دادا كەتەيلى
چوڭ ئانامنىڭ گۇل بەغىدا
گازىر-پۇرچاق چاقايلى
تامدىن چۇشتۇم توككىدە
يەرنى سويدۇم چوككىدە
قوشنىمىزنىڭ تويىدا
يىقىلىپ كەتتىم دوككىدە
بىر-بىرلەپ توغرا سانا
نوۋەت ئايلىنىپ ماڭا
كىلىدۇ ياكى ساڭا
سەن تۇرۇپ سەن چىق
1.كۇبلىت (Vەرسە 1) :
ھەي كىچىك دوستۇم سەن ئويۇنىمىزدا
ئەڭ ئاخىردا قالدىڭ چىقالماي،( چىقالماي،چىقالماي)
ئەمدى ئەيىتقىن ناخشاڭنى يا لەتىپەڭنى
باشلا بىزنى ئەنتىزار قىلماي،( بىزنى ئەنتىزار قىلماي )
بول بول چاققان بولغىن تۇرما بىشىڭنى قاشلاپ
ياكى باشلا ئۇسسۇلۇڭنى غۇلاچلىرىڭ تاشلاپ
ئاندىن ئويۇننى يەنە كىتەيلى باشلاپ
2.ئوتۇشمە (برىدگە 2) :
سەنىڭ بىلەن چىرايىمدىن ئوچمەس كۇلكە
زىرىكمەيمەن ساڭا قاراپ كۇندە
قايىتقىم كىلەر كىچىكلىكىمگە
كوز تەگمىسۇن زىرىكلىكىڭگە
ئويىنىمىزنى باشلامدۇق
مەرھەمەت!